جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان خىتاي رېجىمى يېقىنقى كۈنلەردە مەزكۇر تالاش-تارتىشتىكى ئارالدا ئايرودۇرۇم ياسىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) تەھلىل قىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئارالدا ئايرودۇرۇم ياسىغانلىقى مەلۇم بولغان. ۋىيېتنام ۋە تەيۋەنمۇ مەزكۇر ئارالدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئارال پاراسېل ئارىلى نامىدا ئاتىلىدىغان بولۇپ، (خىتاي غەربىي شىشا ئارىلى دەپ ئاتايدۇ)، (خىتاي جوڭجيەن ئارىلى دەپ ئاتايدىغان) تىرىتون ئارىلى ۋە شەرقتىكى سپراتلى ئارىلىغا (خىتاي جەنۇبى شىشا ئارىلى دەپ ئاتايدۇ) يەتتە سۈنئىي ئارال ياسالغانلىقى ئىگلىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، گەرچە ترىتون ئارىلىنىڭ كۆلىمى قارىماققا بىرقەدەر كىچىك بولسىمۇ، خىتاي بۇ ئاراللارغا ئايروپىلان ئۇچۇش ۋە قونۇش يولى، پورت ۋە ھەربىي سىستېمىلار ئورناتقان.
خىتاي نۆۋەتتە پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلغاندىن باشقا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەلقئارالىق ھۆكۈملەرنى كۆزگە ئىلماي كەلمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلغان پىلانېت تەجرىبىخانىسى PBC سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىگە قارىغاندا، ئارالدىكى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان. ھازىر پىلانلانغان ئۇچۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر (2000 ئىنگلىز چىسى) دىن ئاشىدىغان بولۇپ، تۇربىنا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى سىغدۇرالايدىكەن، ئەمما كۈرەشچى ئايروپىلان ياكى بومباردىمان ئايروپىلانى سىغمايدىكەن.
سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئارالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا خىتايلارنىڭ يۈك ساندۇقى ۋە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ ئارالدا كىچىك پورت ۋە قۇرۇلۇشلار بار بولۇپ، خىتاي بۇ ئارالدا تىك ئۇچار ئايروپىلان بازىسى ۋە رادار بازىسى قۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئارالدا قۇرۇلۇش قىلغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئارالدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ پەقەت يەر شارى يول باشلاش بىخەتەرلىكىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشۈ بىلەن بىرگە مەزكۇر ئارالدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ