سۇداندىكى ئىچكى توقۇنۇشتا 4000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ب د ت ئەمەلدارى ۋولكېر تۈرك ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇداندىكى ئىچكى قوراللىق توقۇنۇشتا 4000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 16-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، 15-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ۋولكېر تۈرك ئەپەندى سۇداندىكى ئىچكى توقۇنۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلىپ، سۇداندا ئىچكى قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ ھازىرغىچە، ئاز دېگەندىمۇ 4000 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 28 نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە 435 نەپەر بالا بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، توقۇنۇش كەسكىن بولغانلىقتىن، نۇرغۇن قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى تېخى يىغىۋېلىنمىغان ۋە پەرق ئەتكىلى بولمىغانلىقتىن قازا قىلغانلارنىڭ ئېنىق سانىنى بېكىتىش ناھايىتى تەس بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ۋولكېر تۈرك ئەپەندى يەنە: «سۇداندا ھازىر تەخمىنەن 20 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق ئەھۋالىغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ سان بۇ يىل 5-ئايدىكىدىن بىر ھەسسە دېگۈدەك قاتلاندى، ئاز دېگەندە 700 مىڭ بالا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلدى» دېدى.
ۋولكېر تۈرك يەنە سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، سىياسىي سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئۇرۇش رايونىغا كىرىپ سۇدان خەلقىگە ياردەم بېرىشىگە يول قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

 ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، توقۇنۇشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئورگانلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇش 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سۇدان پايتەختى خارتۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پارتلىغان، ئارقىدىن سۇداننىڭ باشقا رايونلىرىغا يامرىغان ھەمدە ھازىرغىچە شىددەتلىك داۋام قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2023 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق