خىتاي پىدائىيلار مۇلازىمىتى نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئاققۇنلارنى كۆچۈردى

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغاندىن بىرى خىتاي ئاققۇنلىرىنى ھەرخىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئاتالمىش «شىنجاڭنى خىتايلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا بولۇپ، بۇ قېتىم ئاتالمىش «ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچى پىدائىيلار مۇلازىمىتى» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا مەخسۇس تۈر بويىچە خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 17-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 15-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە 2023-2024-يىللىق ئاتالمىش «ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى» نامىدا غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە مەخسۇس خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

مۇراسىمغا ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار قاتناشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى» غەربىي قىسىم پىلانى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان، خىتاي ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، بۇ نامدا 44 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئاتالمىش «ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. 2023-2024-يىللىق ئاتالمىش «شىنجاڭ غەربىي قىسىم پىلانى» بويىچە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن خىتاينىڭ كۆلىمى 10 مىڭدىن ئاشقان. بۇ كۆچمەن خىتايلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ: «ئاپتونوم رايون پارتىيە كومىتېتى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

ئۆتكەن يىلى خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىق ھالدا داۋاملاشتۇرغان بولۇپ،  2022-يىلى پۈتۈن خىتايدىكى 2300 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن 250 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار غەربىي رايون پىلانى يەنى (شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى) غا تىزىملاتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق پىلانى بويىچە، ئاتالمىش «پىدائىيلار» رايوندىكى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، ساقلىقنى ساقلاش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇلار تىزىملاتقاندىن كېيىن، بەش كۈنلۈك خىزمەتتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەشىقتىن كېيىنلا پىلاندىكى ئورۇنلارغا تەقسىم قىلىنىدىكەن.

خىتاي ئىشغالچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بولۇڭ پۇچقاقلىرىغا تۈركۈملەپ ئاققۇن خىتايلىرىنى يەرلەشتۈرۈۋاتقان بىر پەيىتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ساھىبلىرى بولغان ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىق ساناقسىز ياشلىرى ئىشسىز قالماقتا ۋەياكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلەرگە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈن قىلىنماقتا ۋە يەنە سانسىزلىغانلىرى خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەكلىرىگە سېلىنىپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2610 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2023 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق