خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بىرى چېگرادىكى تىركىشىشى كۈچەيگەن بىر پەيىتتە، ۋەزىيەتنى پەسەيتىش مەقسىتىدە قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەتتە چېگرا رايونىدا «تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك» نى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن.
ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئوخشاش بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا خىتاي ۋە ھىندىستان ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونىدا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا قوشۇلغانلىقى، 19-نۆۋەتلىك قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەتنىڭ ئىككى كۈن داۋاملاشقانلىقى، چېگرانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى، ئىككى تەرەپ قالغان مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشقا قوشۇلسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپتە يول قويۇش ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن چارشەنبە كۈنى چۇشۇل-مولدو بازىرىدىكى ھىندىستان ئارمىيە پونكىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ماختاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئالاقە ۋە سۆھبەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان خىتاينى 1990-يىلدىن باشلاپ ئىمزالانغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، تالاش-تارتىشتىكى چېگرانىڭ ھىندىستان تەرىپىگە تاجاۋۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، يېڭى دېھلىنى چېگرادىن ھالقىپ كەتتى، دەپ ئەيىبلىگەن.
2020-يىلى يۈز بەرگەن ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن بۇيان، گەرچە 19 قېتىم ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتەلمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ