خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى

يېقىندىن بىرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشى شۇنداقلا رايوندىكى بىر قاتار بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

خىتاي تورىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  14-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلغان.
بىر مۇخبىر باياناتچى ۋۇ چيەندىن: «يېقىندا خىتاي-رۇسىيە ئارمىيەلىرى 3-قېتىملىق دېڭىزدا بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ باردى. ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى بىر تۇتاش نازارەت قىلىش بۆلۈمى ئېلان قىلغان خەۋەردە، خىتاي-رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى پاراخوتلىرى زۇڭگۇ بوغۇزى ئارقىلىق ئوخوتسىك دېڭىزىغا كىردى، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئىز قوغلاپ كۆزەتتى. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېقىندا خىتاي-رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئەترىتىنىڭ ئالياسكا ئەتراپىدا بىرلەشمە چارلاشتىكى مەقسەت ئامېرىكىنى قورقۇتۇش» دېدى. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دەپ سورىغان.
ۋۇ چيەن بۇ ھەقتە خىتاي-رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ يىللىق ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ھەربىي پاراخوت ئەترىتى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىدىكى ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە چارلاش قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، چارلاش جەريانىدا خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى خەلقئارا قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ئوچۇق دېڭىزدا قاتنىغانلىقىنى، ياپونىيە تەرەپنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن ئىز قوغلاپ كۆزىتىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئاسانلا خاتا چۈشەنچە بېرىپ، ھاۋادىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بىز ياپونىيە تەرەپنى خىتاي-ياپونىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2023 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق