كانادا نازارەتچىلىك ئورگىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان ئىككى شىركەتكە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادادىكى ئىككى داڭلىق شىركەتكە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك تەدبىر قوللىنىلغان.
بۈگۈن ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى باھالاش دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، كانادانىڭ رالف لائورېن ۋە گوبىمىن ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئىككى شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىتايدىكى تىجارىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئالدىنقى ئايدا كانادانىڭ كارخانا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش مەركىزى «CORE» نايك كانادا ۋە سۇلالە ئالتۇن شىركىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە تىجارىتىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق مەنپەئەت ئېلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مەركىزى ئوتتاۋاغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش تۈرىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2022-يىلى 6-ئايدا 28 ئىجتىمائىي تەشكىلات بىرلەشمىسى كانادادىكى 13 شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن پايدىلانغان.
مەمەت توختى ئامېرىكا ئاۋازىغا: «14 ئاي ئىلگىرى بىز مەسئۇل تارماقلارنى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن تەمىنلىدۇق. ھازىرغىچە پەقەت تۆت شىركەتنى ئېلان قىلدۇق، يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنى ئېلان قىلىمىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ