ھىندىستان ئەمدى خىتايدىن يانفون ئىمپورت قىلمايدىغان ھالەتكە كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھەر يىلى 180 مىليون دانە يانفون تىجارىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاننىڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتايغا تايىنىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان. بازار ئانالىزىنى ھېسابقا ئالمىغان تەقدىردىمۇ ئالما شىركىتى 2025-يىلغا بارغاندا %25 ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى ھىندىستانغا يۆتكەشنى پىلان قىلغان.
خىتاينىڭ شياۋمى، OPPO ۋە vivo يانفونلىرىمۇ ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ پىلاننىڭ خىتاينىڭ يانفون ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قاتتىق زەربە ئىكەنلىكى، خىتاي ھەر يىلى 180 مىليون دانە يانفون زاكاز قىلىش ئارقىلىق ئالىدىغان پايدىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئايفوننىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانىدىن قارىغاندا، ئايفون ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئىشتابىدا لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئايفونغا ئامېرىكا ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت تەمىنلىگەن يانفوننىڭ ئاساسلىق ئۆزىكى ۋە ياپونىيە ۋە كورېيە تەمىنلىگەن كۆرسىتىش ئېكرانى ۋە باشقا ئىچكى زاپچاس قاتارلىق مۇھىم زاپچاسلار ئىشلىتىدىكەن. ئاندىن قالغان زاپچاسلارنى خىتاي شىركەتلىرى تەمىنلەيدىكەن. ئاخىرىدا خېنەننىڭ جېڭجۇدىكى فوكىسكون زاۋۇتىدا قوراشتۇرۇلۇپ، ھاۋا يولى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدىكەن.
ئالما دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي دۇنيادىكى %90 تىن ئارتۇق iPhone مەھسۇلاتلىرىنى قوراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2022-يىلى ئالما يانفون ئىشلەپچىقىرىش ۋە قوراشتۇرۇشتا %96 نى، ھىندىستان تەخمىنەن %4 نى ئىگىلىگەن. ئەمما ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار iPhone14 نىڭ تاش قېپىغا «ھىندىستاندا قوراشتۇرۇلغان» دېگەن سۆزنىڭ بېسىلغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئەڭ يېڭى ئايفونلارنىڭ ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئالما شىركىتى يەنە 2025-يىلغىچە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ %25 نى ھىندىستانغا يۆتكەشنى پىلانلىغان.
بۇ خىل يۈزلىنىش خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى يانفون سودا ئەندىزىسىنى بىر پۈتۈن ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، 2014-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھەر يىلى ھىندىستانغا 180 مىليون يانفون ئېكسپورت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستاننىڭ سانائەت مۇھىتىنىڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىشتا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ