ھىندىستان بىلەن خىتاي 19-نۆۋەتلىك ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتى يېقىندىن بۇيان توختاپ قالغان بولۇپ، شى جىنپىڭ بىلەن نارىندېرا مودىنىڭ كۆرۈشۈشىگە يول ئېچىش ئۈچۈن 19-نۆۋەتلىك ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ھەربىي قوماندانلىرى 14-ئاۋغۇست ھىندىستان-تىبەت چېگراسىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلىغان. ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبىتى تۆت ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتتە ھېچقانداق بۆسۈش ھاسىل قىلالمىغانىدى. 

بۇ قېتىم ھىندىستان يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇن بولغان شەرقىي لاداخ رايونىدىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق ھەربىي سۆھبەت ھىندىستان ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھارپىسىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى سۆھبەت ئىكەن. 

ھىندىستان بىلەن خىتاي يېقىنقى ئۈچ يىلدا چېگرا بويىغا ئون مىڭلىغان ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، گەرچە ئىككى تەرەپ تىركىشىشتىن قۇتۇلۇش يولىنى تاپماقچى بولسىمۇ، بىراق ھەربىي سۆھبەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چېگرادىكى تىركىشىش داۋاملىشىشى مۇمكىن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەر چېگرادىن ئايرىلمىغان. خىتاينىڭ LAC تەرەپتە قۇرۇپ چىققان يېڭى مەڭگۈلۈك ۋە ۋاقىتلىق قۇرۇپ چىققان قۇرۇلۇشلىرىنىڭمۇ چېقىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بۇمۇ ھىندىستاننىڭ ئەسكىرى كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال پولكوۋنىك كرىشان C A Krishnan ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا: «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇساپىسىدىن قارىغاندا، 19-نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ھەر قانداق چوڭ نەتىجىنى كۈتۈش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسكەن. خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 2020-يىلى مارتتا گالۋان ۋادىسىدا قىلغان ھەرىكىتى ۋە خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت چېگرا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى خىتاينىڭ ھەر قانداق چېگرا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچنى يوق قىلغان».

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2023 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق