خىتاي ئارمىيەسى ياپونىيەنى تەنقىدلىدى

خىتاي ئارمىيەسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ياپونىيەنى «تىنچلىققا ئېغىر خىرىس قىلغۇچى» دەپ تەنقىد قىلدى. 

جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 15-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى ئاتالمىش «ئازادلىق ئارمىيە كۈندىلىك گېزىتى» ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 78-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە تەدبىرى ۋە تەيۋەن سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 

مەزكۇر ماقالىلەردە ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇش ۋە «تەبىئىي مۇداپىئە سىياسىتى» دىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن. ماقالىدە يەنە ياپونىيەنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان مەيدانى ۋە باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدانىڭ ياسۇكۇنى مازارلىقىغا مۇراسىم سوۋغىسى ئەۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلىنغان.  

بېيجىڭ تەيۋەننى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىرلىشىشى كېرەك دەپ قارايدىغان بولۇپ، كۆپىنچە دۆلەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن قوشۇۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش، دىنى ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتنى چەكلەپ قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خىتايغا قارشى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ھەر ساھەدىكى ئېمبارگوسىغا ياپونىيەمۇ قوشۇلغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىشى خىتاينى بىئارام قىلغان. 

ئۇندىن باشقا ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۇيغۇر خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىشى شۇنداقلا تەيۋەن مەسىلىسىدە تەيۋەن تەرەپتە تۇرۇشى خىتاينى بىئارام قىلىپ كەلمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2023 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق