خىتاي تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى باشلىدى

خىتاي تۈركىيەدە ئوقۇغان ياكى زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېڭى بىر قېتىملىق قولغا ئېلىش ھەرىكىتى باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ساياھەتنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىلگىرى تۈركىيەدە ئوقۇغان ياكى زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇرلارنى قايتا قولغا ئېلىش ھەرىكىتى باشلىغان. ئاتالمىش «شىنجاڭ» سەنئەت ئۆمىكى ئوركېستىرىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر مودا ناخشىچىسى نۇرئەلى ھاجى 2010-يىللارنىڭ بېشىدا تۈركىيەگە كېلىپ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ خەۋەرنى نۇرئەلى ھاجىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دوستى ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرئەلى ھاجى قولغا ئېلىنغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولغىنىغا توققۇز ئاي بولغان بولۇپ، يولدىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتكەن. نەتىجىدە توققۇز ئايلىق ھامىلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئۆلۈپ قالغان.

ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا «كەينىگە قاراش» ناملىق ھەرىكەتنى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى قولغا ئېلىنىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ۋە پۇل-مېلى كۆپ بولغان ياكى باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن ئىلگىرى قولغا ئېلىنمىغانلارنى يېڭىدىن قولغا ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق يېڭىدىن قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ياكى تۈركىيەدە ئوقۇپ شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن.

نۇر ئەلى ھاجى ئالدى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس تۈرك تىلىنى ئۆگەنگەن. ئارقىدىن مۇزىكا كەسپىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، 2014-يىلى تۈركىيەدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن. دوستلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇر ئەلى ھاجى تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەر قانداق سىياسىي ھەرىكەت ۋە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان تەشكىلات ۋە كىشىلەردىن يىراق تۇرغان.

نۇر ئەلى ھاجى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بىردىنبىر ناخشىچى ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا بىلدۈرۈلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى يەنە بىر داڭلىق ناخشىچى شىرئەلى ئەلتېكىن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇمۇ 2010-يىللارنىڭ بېشىدا تۈركىيەگە بارغان. گەرچە شىرئەلى ئەلتېكىن خىتايچە «شى چوڭام» (习大大) ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى ماختىغان بولسىمۇ، بۇلار ئۇنىڭ تۈركىيە زىيارىتى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىشنى توسۇپ قالالمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1106 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2023 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق