خىتايغا سېلىنىۋاتقان چەتئەل مەبلىغى تۆۋەنلىمەكتە

بۇ يىل 4-ئايدىن 6-ئايغىچە، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87 تۆۋەنلىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 4-ئايدىن 6-ئايغىچە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 4 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %87 تۆۋەنلەپ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانىغا تەسىر كۆرسەتكەن. 2022-يىلى كۈزدە، ئامېرىكا-خىتاي سودا بىرلەشمىسى تەخمىنەن 320 ئەزا شىركەتتىن خىتاي بازىرىدىكى سودا خەۋپى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان. بۇنىڭدا ئەڭ كۆپ جاۋاب بېرىلگەن سوئال «ئامېرىكا-خىتاي جىددىيچىلىكى» بولۇپ، %66 كارخانا ئوخشاش مەزمۇننى تىلغا ئالغان.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە دوستانە دۆلەتلەر بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، 9-ئاۋغۇست خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە سۈنئىي ئىدراك (AI) ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەشنى كۈچەيتكەنلىكى، بىرلەشمە كارخانىلارغا يېڭى مەبلەغ سېلىشمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ ئازايتىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۆي-مۈلۈك بازىرى قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، تورالغۇ قاتارلىق شەخسىي مەبلەغنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قېيىن ئىكەن. يەنە كېلىپ، خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشنى ئاستىلاتقان. 

 

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 775 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2023 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق