ھىندىستان چېگراغا 68 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى

2020-يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق چېگرا توقۇنۇشىدىن بۇيان، ھىندىستان 68 مىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەر، كۈرەشچى ئايروپىلان، تانكا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئەمەلىي كونترول سىزىقى (LAC) بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ 14-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ھازىر ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەخمىنەن 68 مىڭ ئەسكىرى، 90 تانكا ۋە 330 جەڭ ئاپتوموبىلى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى يەنە بىر قانچە جەڭ ئەترىتىنى چېگرا ئەتراپىدىكى بازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىش قىياپىتى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە (Su-30MKI) ، (Jaguar)ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلغان. 

ئالاقىدار مەنبەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ چېگراغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملانغان. ئومۇمىي ئېغىرلىق 9000 توننىغا يېتىدىغان بۇيۇملار توشۇلغان بولۇپ، بۇ ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيەسى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش، ئىشەنچلىك كۈچنى ساقلاپ قېلىش ۋە ھەر قانداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بىر قانچە قېتىملىق ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىر نەچچە چارلاش نۇقتىسىدىكى تىركىشىشنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ يەنىلا نۇرغۇن يوشۇرۇن توقۇنۇش نۇقتىلىرىدا ئۆز-ئارا تىركەشكەن. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار پەقەت چېگرا ۋەزىيىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنلا، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بۇ يىلG20  گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى 9-ئايدا يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي پات ئارىدا كېيىنكى نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى قىلىپ، قاتمال ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. 

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2023 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق