17 ياشلىق ئۇيغۇر بوكس ماھىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولدى

مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستانلىق 17 ياشلىق ئۇيغۇر ماھىرى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

6-ئاۋغۇست كۈنىدىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان بېلارۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەزىز زەكىرۇفنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تاللاش ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچى مۇسابىقىدە ئارقا-ئارقىدىن تۈركمەنىستانلىق ۋە بېلارۇسىيەلىك ماھىرلارنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەزىز زەكىرۇف 12-ئاۋغۇست 80 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئۆزبېكىستانلىق بوكس ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر بوكسچى مۇھەممەد ئەزىز زەكىرۇف قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، 80 كىلوگېراملىقلار دەرىجىسى بويىچە بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۇ يېقىندىن بىرى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ئارقا-ئارقىدىن چېمپىيون بولۇپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. گەرچە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۆزبېكىستانلىق بوكس ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ 17 ياش تۇرۇپ بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغان 30 يىلدىن بۇيان، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ ساھەدە مۇھەممەد ئەزىز زەكىرۇفدەك كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىرەرسى چىقىپ باقمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 810 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2023 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق