ئىتالىيەدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللايدىغان خىتايلارنىڭ قارا جەمئىيەت گۇرۇھى بىلەن چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «110 چەتئەل مۇلازىمەت پونكىتى» غا داۋاملىق دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تەشەببۇسىدىن چېكىنىش ياكى چېكىنمەسلىك مەسىلىسىدە ھالقىلىق قارار قىلىشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ياۋروپادا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «چەتئەل ساقچى پونكىتلىرى» ھەممە جايدا كېڭەيگەنلىكى، ئۆتكەن يىلى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «چەتئەل ساقچى پونكىتى» نى بايقىغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىنمۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تېخى ئېلان قىلمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئىگىلىنىشچە، ئىتالىيەدە ئاتالمىش «چەتئەل ساقچى پونكىتى» نى قۇرغان كومپارتىيەنى قوللايدىغان گۇرۇھلار شۇ يەردىكى ساقچىلار تەرىپىدىن قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق دەپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «چەتئەل ساقچى پونكىتى» غا داۋاملىق دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتە ئىككى تەرەپ بېيجىڭغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغانىدى ۋە 12-ئايدىكى بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشۇشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن چېكىنىش ياكى چېكىنمەسلىكنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرى بولسا بۇ ھەقتە بىر قاتار ئاگاھلاندۇرۇشلارنى چىقىرىپ، ئىتالىيەنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن يېتەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى 7-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترىيە، چېخ، گېرمانىيە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 14 دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ چەت ئەلدە قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، كانادا، چىلى، نىگېرىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە دۆلەت چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا قانۇن ئىجرا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، چەت ئەل ۋەكىللىرىنىڭ يەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. گوللاندىيە بىلەن ئىرېلاندىيە خىتايدىن ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تاقاشنى تەلەپ قىلغانىدى.
«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسى ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە، خەتەر ئاستىدىكى مەھەللىلەر ھەققىدە يېتەرلىك دوكلات بېرىش ۋە قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەرلىك ساقچىلارنىڭ خەلق دۇچ كېلىدىغان تەھدىتنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا، جۈملىدىن تەھدىت سېلىش ياكى تەھدىت سېلىشقا ياردەم بېرىش گۇمانى بار كىشىلەرگە قاراتقان جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ