خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپپىننى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.
خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى فىلىپپىننى جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە دەۋەت قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنى بۇ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى دەپ ئەيىبلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ يى بۇ سۆزنى سىنگاپور ۋە مالايشىيا زىيارىتى جەريانىدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتى ئىكەن. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى فىلىپپىننىڭ تەمىنلەش پاراخوتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ سۇ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ رايوندا جىددىيچىلىك يەنە كۈچەيگەنىدى.
ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، رايوننىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەرىكەت مىزانى توغرىسىدا سۆھبەتنى تېزلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە خىتاينى مەركەز قىلغان رايون تەرتىپى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، نامرات دۆلەتلەرنى قەرز بېرىش ھىيلىسى بىلەن، خىتايغا بېقىنمايدىغان دۆلەتلەرنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ