دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مۇھىم چاقىرىق ئېلان قىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى 12-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا يەتتىنچى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ھەيئىتى يىغىنى، شۇنداقلا بىرلىكنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇممۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا ئالدى بىلەن بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مەرھۇم ئىمام شەيخ يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. يىغىن داۋامىدا دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىچكى خىزمەتلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، قىلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە مۇھىم قارارلار چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن پەلەستىن ۋە ئەقسا مەسچىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلەر ھەققىدە يېقىندا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرۇش، مۇسۇلمان ئائىلە مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان غايەت زور دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدا ئاشكارا بولۇۋاتقان دىنسىزلىق ئېقىمى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدىمۇ مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

خۇلاسە باياناتىدا يەنە بىرلىكنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەرقانداق مۇقەددەس سىمۋوللارغا قىلىنىۋاتقان دەخلى-تەرۇزلارنى، خۇسۇسەن يېقىندا غەربتە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان قۇرئان كەرىم ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنىۋاتقان ئەخلاقسىز ھاقارەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بىرلىك يەنە سۇداندىكى قان تۆكۈلۈشنى توختىتىشقا، دۆلەتكە قارشى ئىسياننى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، پۇقرالارنى قوغداشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بىرلىك يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى، بولۇپمۇ ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە پىكىر ئىگىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلىك يەنە نۆۋەتتە يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ھەرخىل ئازغۇن يول ۋە پىكىرلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىرلىك يەنە ئاتېئىزمدىن ئىبارەت دىنسىزلىقنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئىنسان فىترىتىدىن يەنە بىر چەتنەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقاندەك تۇغۇلغان ھەر بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ساغلام فىترەت ئۈستىگە تۇغۇلىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇنىڭ يەككە-يېگانە ۋە بىرلا ئىلاھقا بولغان ئېتىقادى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزگەرمەس قائىدىلىرىنى ۋە دىننىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاقىنى قوغداش ئۈچۈن تەشۋىقات مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇل ئورگانلارغا مەسلىھەت بېرىش ۋە يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

بىرلىك يەنە روھىنگا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېزىلگەن خەلقلەرگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىكنى بىكار قىلىشقا چاقىردى ۋە بۇ خەلقلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى ۋە ئىنسانغا لايىق ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 12927 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2023 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق