پاكىستاندىكى خىتاي ئىنژېنېرلار ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ گىۋادار پورتىدىكى خىتاي ئىنژېنېرلار ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، تۆت خىتاي، توققۇز پاكىستان ساقچىسى ئۆلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 13-ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ غەربىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسى گىۋادار پورتىدا خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا قارىتىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. ھۇجۇم قىلغۇچىلار كەم دېگەندە تۆت خىتاي ۋە توققۇز پاكىستان ساقچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇرۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلغان.

پاكىستان تاراتقۇلىرى بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھۇجۇمنى ئىككى بەلۇجىستان ئەسكىرى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغان. ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئاۋۋال خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى قوغداۋاتقان پاكىستان ساقچىلىرى بىلەن كەسكىن قوراللىق توقۇنۇشقان، ئارقىدىن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان بولۇپ، توقۇنۇش ئىككى سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان.

بەلۇجىستان ئارمىيەسى ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتىنى بايانات ئارقىلىق ئاشكارىلاپ: «ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئاز دېگەندە تۆت خىتاي پۇقراسى ۋە توققۇز پاكىستان ھەربىي خادىمى ئۆلۈپ بىر نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ پەقەت دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىگەن ئۇچۇر بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىن» دېگەن.

پاكىستان تاراتقۇلىرى خىتايغا ماسلاشقان ھالدا خەۋەر تارقىتىپ: «بەلۇجىستان قوراللىقلىرى قوزغىغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېلىپ چىققان كەسكىن توقۇنۇشتا ئىككى بىخەتەرلىك خادىمى يارىلاندى. پاكىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلدى» دېگەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بولسا خىتاي ئىنژېنېرلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ گىۋادار ساقچىخانىسىنىڭ يېنىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئىككى ئاپتوموبىل، بىر مىنىبۇستىن تەركىب تاپقانلىقىنى، ئاپتوموبىلدا ئوق ئۆتمەس ئۈسكۈنىلىرى بارلىقىنى، ھۇجۇم جەريانىدا ئاددىي ياسالغان بومبا پارتلاپ، مىنىبۇس ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى، مىنىبۇس ئەينىكىدە ئوق تۆشۈكلىرى قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ رايوندا قىلغان يەر ئىگىلەش، مۇھىت بۇلغاش قاتارلىق زومىگەرلىك قىلمىشلىرى سەۋەبلىك، خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتىنىڭ خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ رايوندا خىزمەت قىلىشنى رەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 723 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2023 11:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق