خىتاينىڭ شىئەندە تۇيۇقسىز كەلكۈن ئاپىتى بولۇپ، 2 خىتاي ئۆلۈپ 16 خىتاي يوقاپ كەتكەن.
خىتاي ھاۋارايى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شىئەن شەھىرى قىسقا مۇددەتلىك قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، تۇيۇقسىز ياققان يامغۇر 11-ئاۋغۇست شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18:00 ئەتراپىدا، شىئەن چاڭئەن رايونى لۇئەنجېن كوچىسى ۋېزىپىڭ يېزىسىنىڭ جىۋوزى گۇرۇپپىسىدا تۇيۇقسىز كەلكۈنگە ئايلانغان. كەلكۈندە شەكىللەنگەن ئەخلەت ۋە لاي ئېقىمى كىشىلەرنى ئېقىتىپ كەتكەن. شىئەن شەھىرى ئاپەت ئەھۋالىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندا ئىككى ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن. يول، كۆۋرۈكلەر بۇزۇلغان، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈندە 2 خىتاي ئۆلگەندىن باشقا، 16 خىتاي يوقاپ كەتكەن.
نۆۋەتتە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقى تېخىچە بېسىقمىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى قاتتىق كەلكۈندە خىتاي رېجىمىنىڭ بېيجىڭنى قوغداش ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى قەستەن سۇغا غەرق قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، شۇنداقلا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنى تاشلاپ قويۇپ بېيدەيخېدا تەتىل قىلىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى بىلەن غۇلغۇلا تېىخمۇ كۈچەيگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ