قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

 

خەۋەرر يەتتە تورىنىڭ 20-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستان چېگراسى ئىچىدە قالغان تاجىكىستانغا تەۋە ۋورۇختتىكى ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋورۇخ يېزىسىغا يېقىن دەتالاشلىق جايدا قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت ئۆزئارا تۈزۈشكەن كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا يول ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى، تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش نەتىجىسىدە سۇركىلىش كېلىپ چىققانلىقىنى، توقۇنۇشتا تاش، كالتەك ۋە ئوۋ مىلتىقلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ۋەقەدە بىر تاجىكىستانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئونغا يېقىن تاجىكىستانلىقنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە سۈركىلىشتىن كېيىن قىرغىز ئەمەلدارلارنىڭ تاجىكىستاندىن ۋورۇخقا بارىدىغان يولنى تاقىۋەتكەنلىكى، مەزكۇر يولدىن كېتىۋاتقان ئىككى مىنىبۇستىكى 30 تاجىكىستان پۇقراسىنىڭ قىرغىزىستان تەرىپىدىن مەلۇم مۇددەت تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، ۋەزىيەت ھەر ئىككى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن كونتروللۇق قىلىنغانلىقى، بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 6544 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2019 18:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق