يېڭى زېللاندىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىخەتەرلىك تەھدىتى دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 11-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېللاندىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى 11-ئاۋغۇست بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدا يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جاسۇسلۇق قىلىش ۋە سىرتتىن يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زېللاندىيەنىڭ مەزكۇر بىخەتەرلىك تەھدىتى دوكلاتىنى تۇنجى قېتىم خەلقئاراغا ئېلان قىلىشى بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئوچۇق ئەيىبلىنىشى، يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى خىتاينى نارازى قىلىدىغان سۆزلەرنىڭ ئوچۇق تىلغا ئېلىنىشى دىققەت قوزغىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېللاندىيە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قۇرۇلغان «بەش كۆز ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەمما ئىلگىرى خىتايغا قارىتا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلىنغان. يېڭى زېللاندىيە يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ تەھدىتىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىدا خىتاينى نۆۋەتتىكى خەلقئارا قائىدە-تۈزۈملەرگە تەھدىت دەپ ئاتىغان، ھەمدە ھەربىي كۈچنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا تېخىمۇ كېڭەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زېللاندىيە خىتاينىڭ يېڭى زېللاندىيە ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىدىن تەپسىلىي خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، بۇ يېڭى زېللاندىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىستىخبارات ئەندىشىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە يېڭى زېللاندىيەنىڭ نەچچە ئون يىلغا قارىغاندا تېخىمۇ خىرىسقا ۋە ئالدىن پەرەز قىلىشقا بولمايدىغان خەتەرگە يولۇققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېڭى زېللاندىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاندرېۋ خامپتون
(Andrew Hampton): «نۆۋەتتە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەر جاسۇسلۇق ۋە سىرتتىن ئارىلىشىش قاتارلىق ئاغدۇرمىچىلىق ۋە ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يېڭى زېللاندىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەكتە» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ