خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ سودا كىلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ «ئامېرىكا-تەيۋەن 21-ئەسىر سودا تەشەببۇسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى يولغا قويۇش قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 10-ئاۋغۇست مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە بىر مۇخبىرنىڭ: «ئامېرىكا پرىزىدېنتى بايدېن ئامېرىكا-تەيۋەن 21-ئەسىر سودا تەشەببۇسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى يولغا قويۇش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇردى. خىتاي بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن رايونى بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇ تەيۋەن مۇستەقىللىق بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ھەر دائىمقىدەك چالۋاقىغان.

باياناتچى يەنە «ئامېرىكىنى دەرھال باشقىچە يول تۇتۇپ، ئىمزالانغان قانۇن لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 686 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2023 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق