تەتقىقات نەتىجىسى شەرقىي تۈركىستاندا 3600 يىل بۇرۇنلا كۆمۈر ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى

 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نىلقا ناھىيەسىدىكى يېڭى بايقاشلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 3600 يىل بۇرۇن كۆمۈر يېقىلغۇسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

خىتاي پېڭپەي خەۋەر تورىنىڭ 8-ئاۋغۇست خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر ئىشلىتىلگەن تارىخىي ئىزلارغا ئاساسەن، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى سىستېمىلىق كۆمۈر كۆيدۈرۈش تارىخىنىڭ 3600 يىل ئىلگىرىگە سۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىنستىتۇتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ۋە خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە ئىنسانلارنىڭ كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى بولغان «ئەڭ بالدۇرقى سىستېمىلىق كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىش 3600 يىل ئىلگىرىگە سۈرۈلدى» ناملىق ئىلمىي ماقالىنى تەييارلىغان بولۇپ، «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقاتچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نىلقا ناھىيەسىگە جايلاشقان جىرىنتاي ئېغىزى خارابىسى ۋە قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئارقىلىق، كۆمۈر يېقىلغۇسىنىڭ سىستېمىلىق ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئالاقىدار تارىخىي ئىسپاتلارنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىس تاۋلاش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئىزلارنى بايقىغان. جىرىنتاي ئېغىزىدىكى سىستېمىلىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش 2020-يىلغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش، دەپنە قىلىش سۇپىسى قاتارلىقلار بايقالغان.

جىرىنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى ۋە قەبرىستانلىقىنى نىلقا ناھىيەسى كۆكخوتقور موڭغۇل يېزىسى چالچىقتال كەنتىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تەخمىنەن 1500 مېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، قاش دەرياسىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىر كېلىدىغان جايغا توغرا كېلىدىكەن. خارابىلىكتىن كۆمۈر ئىشلەتكەنلىك ئىزناسىنىڭ بايقىلىشى ئىنسانلارنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋاقتىنى يەنە 1000 يىل ئالدىغا سۈرگەن. بۇ يەردە جەمئىي 76 قەبرە بار بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا بالدۇر مەدەنىيەتلەشكەن خەلق ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتىلا تەرەققىي قىلىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

گەرچە شەرقىي تۈركىستاندىن ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن تارىخىي يادىكارلىقلار بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت سىياسىتىگە ماس ھالدا، بۇ تارىخىي ئىزلارنى خىتاي تارىخىنىڭ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 2178 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2023 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق