كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكىل چۇڭنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا خىتايلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مايكىل چۇڭ خىتاينى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك خىتاي رېجىمىنى بىئارام قىلىپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئۈندىداردا خىتايلارنىڭ سىستېمىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
كانادا ھۆكۈمىتى 9-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە توختىلىپ، مايكىل چۇڭنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتاي تور دۇنياسىدىكى يالغان ئۇچۇر ھۇجۇمىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇنىڭغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئېيتىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا ئۈندىداردا مايكىل چۇڭغا قارشى ئۇچۇر تەشۋىقاتى قوزغالغان بولۇپ، ئۇ ھەققىدە نۇرغۇن يالغان ياكى خاتا مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە خىتاي رېجىمىنىڭ قاتنىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتكە بۇيرۇق بەرگەنلىكى ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق پاكىت يوق ئىكەن. كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قىلمىشقا قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مايكىل چۇڭ ئىلخەت ئارقىلىق بۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ دېموكراتىيە سىستېمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئارىلىشىش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامېنت ئەزاسىغا ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكلەش قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ: «كانادانىڭ باياناتى پۈتۈنلەي بىمەنە، ئوچۇق-ئاشكارا تۆھمەت چاپلىغانلىق» دەپ جار سالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مايكىل چۇڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان بىرلا پارلامېنت ئەزاسى ئەمەس بولۇپ، ئۇندىن باشقا تېگى خوڭكوڭدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى جاۋ جىنرۇڭمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى قوللىغانلىقى ۋە 2021-يىلى چەت ئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ