خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلايدىغان 3-يول قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نامىدىكى 3-يولى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئاۋغۇست خىتاي ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى قومۇل ـ چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە لىزىۋەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى يۈەن جياجۈن ۋە خىتاي ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شىن باۋئەن، خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ بىڭ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئەمەلدارلار قاتناشقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3-يولى قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. قومۇل-چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدا بېكىتىلگەن 102 تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇشنىڭ بىرى بولۇپ، قومۇل شەھىرى باركۆل ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يۈبېي رايونىدا ئاياغلىشىدىكەن. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2290 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلىرىدىن ئۆتىدىكەن. لايىھەدىكى توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 8 مىليون كىلوۋات بولۇپ، بۇ تۈرگە 28 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلق تورىنىڭ 6-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى 61 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.87 ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1746 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2023 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق