ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش قارارىغا ئەگىشىشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلىگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسىم تېخنىكا ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش قارارىغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ يوشۇرۇن دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىنى داۋاملىق باھالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بايدېننىڭ مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەنگلىيە بۇ يېڭى تەدبىرلەر ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىشىدۇ ھەمدە بەزى مەبلەغلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان يوشۇرۇن خەۋپىنى دائىم ئويلاشماقتا» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا يولغا قويغان ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە داۋالغۇش پەيدا بولغان. يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا ئەنگلىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رېشى سۇناك بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 6-ئايدا ۋاشىنگتوندا ئاتلانتىك ئوكيان خىتابنامىسى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى تارىخىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تېخنىكا، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئاۋغۇست خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش قارارىنى ئېلان قىلغانىدى. قاراردا بىخەتەرلىك جەھەتتىن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىش تەدبىرلىرىگە ئاساسەن، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي توقۇنۇشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2023 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق