خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان زىيارىتى داۋاملاشماقتا.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى 10-ئاۋغۇست مالايشىيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى مالايشىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى (IIUM) زىيارەت قىلدى.
بۇ جەرياندا ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئالاھىدە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ھەيئەت بۈگۈن يەنە مالايشىيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان سېلانگور ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور مۇھەممەد ئوسمان ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور سىدىن ئەھمەد ئىسھاق بىلەن كۆرۈشتى. زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى كەسىپلەر بويىچە ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قارمىقىدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلىش، شارائىتى ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان ئىختىساسلىق كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ