خىتاي ئامېرىكىنىڭ قارارىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى

خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ قارارىدىن كېيىن خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دەرھال باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن باشقا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نامىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

باياناتچى سۆزىنىڭ داۋامىدا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتايدىن ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئۈزۈش ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش نىيىتى يوقلۇقى ھەققىدىكى ۋەدىسى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، خاتا قارارنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ ئالاقىدار تەرەققىياتلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

ئۇندىن باشقا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش قارارىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، قارشى تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتكە سۈنئىي توسقۇنلۇق قىلماسلىققا ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىققا چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى چەكلىمىسى خوڭكوڭغا زور تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئاۋغۇست خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش قارارىنى ئېلان قىلغانىدى. قاراردا بىخەتەرلىك جەھەتتىن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىش تەدبىرلىرىگە ئاساسەن، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي توقۇنۇشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىدىغانلىقى، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم ئىلغار كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشىغا يېڭى چەكلىمىلەرنى قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 621 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2023 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق