خىتاي داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي رېجىمى 25 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، 31-ئىيۇلدىن 4-ئاۋغۇستقىچە ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 20 نەچچە دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.

بۇ جەرياندا خىتاي رېجىمى چەت ئەل ئەلچىلىرىگە قەشقەر، كۇچا، ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارنى، قەدىمىي شەھەرلەرنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن تەييارلىغان مەسچىت، كارخانا ۋە يېزىلارنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جەرياندا دومىنىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خىتاينىڭ كۈتكىنى بويىچە: «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلەر خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقان بىر جەمئىيەتنى كۆردۈم» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە كۆپلىگەن ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان ۋە ئەيىبلەۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قېلىشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا.

خىتاي خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى ئومۇمىي مەبلەغ يەتتە مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان قەشقەر قەدىمىي شەھەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، 49 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيىنى چېقىپ ئۆزگەرتىپ ساياھەت ئورنى قىلغان. خىتاي بۇ پىلانىنى بەش يىل ئىچىدە تاماملانغان. گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، پەقەت قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قايتا ياسالغان بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبنى ساقلىغان. نۆۋەتتە بۇ ئورۇن خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆرگىنى پەقەت خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى بولغان.

خىتاي بۇ تۈردىكى زىيارەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىدىن يوشۇرۇپ، كۆز بوياشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتتە تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش زىيارەت ئۆمەكلىرى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە رېئاللىققا زىت بايانلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1372 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2023 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق