خىتاينىڭ بېيجىڭ قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكە، شەھەرلىرىدە قاتتىق ئاپەت بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دەم ئېلىش ئۈچۈن غايىب بولغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىشكە باشلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى ئانالىز خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر-ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق شەھەر، ئۆلكىلىرىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇرۇ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتە ئەزاسىدىن ھېچقايسىسى كۆرۈنمىگەن بولۇپ، پەقەت خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گوچىڭنىڭ ئاپەت رايونىغا بارغانلىقى بىر-ئىككى قېتىم خەۋەر قىلىنغان.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 57 خىتاي مۇتەخەسسىس خىتاي رېجىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى تەكلىپى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا بارغان بولۇپ، بۇ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلارنىڭ كەلكۈن ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان بېيدەيخېدا دەم ئېلىشىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرىدىكەن. ھەقىقەتەن 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي تاراتقۇلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن.
يېقىندىن بىر-ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 29-ئىيۇلدىن باشلاپ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، خېيلۇڭجياڭ ۋە باشقا جايلار كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاينىڭ بىر نەچچە شەھىرى دېڭىزغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بېيجىڭنى كەلكۈن ئاپىتىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خېبېي ئۆلكىسىدىكى جۇجو شەھىرىنى قالقان قىلىپ كەلكۈننى سۈنئىي ئۇسۇلدا بۇ شەھەرگە ئاقتۇرغان. نەتىجىدە ھەتتا تۆت قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارمۇ سۇ ئاستىدا قالغان. تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن يۈز مىڭلىغان خىتايلار سۇغا قاپسىلىپ يارىلىنىش، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراش سەۋەبلىك خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقى ئاشقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر نەچچە كۈندىن بېرى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇرۇنقى ئەمەلدارلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، جۇ روڭجى، ۋېن جياباۋ قاتارلىقلارنىڭ بۇرۇنقى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان سۈرەتلىرى ۋە سىنلىرى كەڭ تارقالغان. ئۇندىن باشقا تور دۇنياسىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى شىكايەتلەرمۇ كۆپەيگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ