6-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى

 

 6-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 8-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى.

مەزكۇر مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان نىھات يۈجەۋۇر پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن 6-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان 12 كوماندا تەرتىپ بىلەن مەيدانغا كىردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.

مۇراسىمدا شەرقىي تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ھىرا تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى رەئىسى لوقمانجان ھىرا، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن تۆت مەيدان مۇسابىقە ئوينالغان بولۇپ، ئانا يۇرت كوماندىسى بىلەن يېڭى قۇرۇلغان بۈركۈت كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى. ئاخىرقى نەتىجىدە ئىككى كوماندا 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىنى تەكلىماكان كوماندىسى بىلەن سايرام كوماندىسى ئوينىدى. نەتىجىدە تەكلىماكان كوماندىسى 1 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن سايرام كوماندىسىنى يەڭدى.

ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىنى ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن يېڭى قۇرۇلغان پالۋان كوماندىسى ئوينىدى. نەتىجىدە پالۋان كوماندىسى 3 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىنى يەڭدى.

تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىنى ئەينەك كوماندىسى بىلەن ئۇدۇن كوماندىسى ئوينىدى. نەتىجىدە ئەينەك كوماندىسى 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئۇدۇن كوماندىسىنى يەڭدى.

6-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» تەخمىنەن ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئانا يۇرت كوماندىسى: 2014-يىلى مىسىردا قۇرۇلغان بولۇپ، مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئەزھەرىيلەر لوڭقىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى. ئانا يۇرت كوماندىسى 2018- يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھۇررا لوڭقىسىدا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ لوڭقىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ۋە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

2. ئەينەك كوماندىسى: 2018-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. ھازىرغىچە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ھۇررا لوڭقىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆسمۈرلەر لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، بىر قېتىمدىن چېمپىيونلۇققا، 2- ۋە 3-لىككە ئېرىشكەن. ئەينەك كوماندىسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارىخى ئۇزۇن ۋە ئەمەلى كۈچى يۇقىرى كوماندىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

3. ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى: 2018-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى ئالدىنقى يىللىق ھۇررا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئوخشاشلا كۈچلۈك كوماندىلاردىن بىر ھېسابلىنىدۇ.

4. ئۇدۇن كوماندىسى: 2019-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، كۈچلۈك كوماندىلاردىن بىرى. ئۇدۇن كوماندىسى بۇ يىللىق مۇسابىقىگە دولان كوماندىسى بىلەن بىرلىشىپ قاتنىشىدىكەن.

5. تەكلىماكان كوماندىسى: 2019-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن بېرى ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى كۈچلۈك كوماندىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

6. قەلبداشلار كوماندىسى: 2018-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بارلىق مۇسابىقىلەرگە تولۇق قاتنىشىپ كەلمەكتە.

7. سايرام كوماندىسى: 2021-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كەلمەكتە.

8. بۈركۈت كوماندىسى: ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان كوماندا بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك كوماندا ھېسابلىنىدۇ.

9.يۇرتۇم كوماندىسى: ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان كوماندىلاردىن بىرى.

10.پالۋان كوماندىسى: ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان كوماندىلاردىن بىرى.

11.باشاقشەھەر كوماندىسى: ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان كوماندىلاردىن بىرى.

12. بۇغرا كوماندىسى: ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان كوماندا بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 2679 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2023 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق