تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ياپونىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مالايشىيا زىيارىتىنى باشلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مالايشىيا زىيارىتىنى باشلىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى 8-ئاۋغۇست ياپونىيە كېيو ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىشلارنى باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى تومويۇكى فۇرۇتانى ۋە شونان فۇجىساۋا كومپۇس تەتقىقات ئورنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور شىڭگو ماسۇناگا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ھەيئەت زىيارەت ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

ھەيئەت 8-ئاۋغۇست ياپونىيەدىكى ھەپتىلىك زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، 9-ئاۋغۇستتىن باشلاپ مالايشىيا زىيارىتىنى باشلىدى ۋە پائالىيىتىنى مالايشىيا ئىسلام بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىشتىن باشلىدى.

بۇ جەرياندا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور ماھزان ئابدۇلمۇتەللىپ، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار فاكۇلتېت مۇدىرى دوكتور فاۋزىياھ ھاسان ۋە مالايشىيا يەرشارى مائارىپ-تەلىم تەربىيە ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مالايشىيادا ئوخشىمىغان كەسىپلەردە تولۇق كۇرۇس، ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇش ۋە تەربىيەلىنىش پۇرسىتى ھەققىدىكى تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2328 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2023 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق