ھىندىستان ھەربىي ئەسلىھەلەردە خىتاينىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن زاپچاسلارنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك، يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن زاپچاسلارنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەدبىرلەر ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىي بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندىستان ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۆت پىرقىرىما قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭىدىن جانلىنىۋاتقان ھىندىستان سانائىتى ئارمىيەنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى خىتايدا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئالاقە ئىقتىدارى، كامېرا، رادىيو تارقىتىش ۋە مەشغۇلات يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ۋە ھىندىستاننىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرى توپلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان. شۇڭلاشقا ھىندىستان ھەربىي تەرەپ بۇ يىل 2-، 3-ئايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان خېرىدار چاقىرىش يىغىنىدا خېرىدار چاقىرغۇچىلارغا بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن، ھىندىستان بىلەن قۇرۇقلۇق چېگراسى بار دۆلەتلەرنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ياكى زاپچاسلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھىندىستاننىڭ خىتاي زاپچاسلىرىنى چەكلەش تەدبىرى ھىندىستاندىكى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنى باشقا جايلاردىن زاپچاس سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىشى، بۇ سەۋەبلىك ھىندىستاندىكى ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان ياساش تەننەرخى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخى جاۋاب قايتۇرمىغان.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2023 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق