خىتاي رېجىمى بېيجىڭ شەھىرىنى قوغداش ئۈچۈن، كەلكۈننى سۈنئىي ئۇسۇلدا باشقا شەھەرگە باشلاپ سۇغا غەرق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنمەكتە.
ئاۋسترالىيە دەۋرى گېزىنىڭ 8-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى بېيجىڭ شەھىرى ۋە شيوڭئەن يېڭى رايونىنى كەلكۈندىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، بېيجىڭغا تۇتىشىدىغان جوجۇ شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنى قالقان سۈپىتىدە قوللىنىپ، كەلكۈننى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇ يەرلەرگە باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى پايتەختى بېيجىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر رايونلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، كەلكۈن رايونى ئېچىش قارارى خىتاي ئاھالىلىرىنى قاتتىق قىيىنچىلىققا دۇچار قىلغان، زىرائەتلىرى زور زىيانغا ئۇچرىغان. كەلكۈندىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قالايمىقان ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئاھالىلەرنىڭ خىتاي رېجىمى قارشى نارازىلىقى كۈچەيگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، كەلكۈن يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا بولغان تەھدىتى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سۇ ئىنشائاتى مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ بېيجىڭنى قوغداش ئۈچۈن، دەريا قىنىنى تارايتىپ، جۇجو شەھىرىنى بېيجىڭنىڭ قالقىنى ھالىتىگە ئەكەلگەنلىكىنى، يەنە كېلىپ جۇجو شەھىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە كەلكۈندىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرى ۋە تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئالاھىلىكىدىن قارىغاندا، بېيجىڭدىكى كەلكۈن سۈيى جۇجو شەھىرىگە ئېقىپ بارمايدىكەن. ئەمما پىلانلاپ بەرپا قىلىنغان سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېيجىڭدىكى ئاپەتنى جۇجو شەھىرىگە باشلاپ بارغان. نۆۋەتتە جۇجو شەھىرى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلانغان بولۇپ، شەھەردىكى خىتايلارنىڭ ئالتىدىن بىرى تارقاقلاشتۇرۇلغان.
خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتىلەردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بېيجىڭدىكى قاتتىق يامغۇرنىڭ 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يامغۇر ئاپىتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. كەلكۈن ئاپىتى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 130 مىليونغا يېقىن خىتاي تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە خېبېي ئۆلكىسىدىلا 974 مىڭ خىتاي تارقاقلاشتۇرۇلغانىدى. گەرچە خىتاي رېجىمى ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئۆلگەن، يارىلانغان خىتايلارنىڭ سانىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تارقىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئەھۋالنىڭ نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ