خىتاي ھەركۈنى 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى كۆمۈر بايلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ قېزىۋاتقان بولۇپ، كۈنىگە 33 مىڭ توننا كۆمۈر سىرتقا سېتىلماقتىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 33 مىڭ توننا كۆمۈرنى سىرتقا سېتىلماقتىكەن. بۇ سان يەنە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان.

خېنەن ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركىتى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر شىركەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى بىلەن بۇ يىللىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان كۆمۈرنىڭ %80 ىنى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىغا ساتىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر بايلىق مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن خىتايدىكى كۆمۈر بايلىقىنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي رېجىمى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا ئېلىپ كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان كۆمۈرنىڭ كۆپ قىسمى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىغا سېتىلغان.

قومۇل شەھىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» جياڭنا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان كۆمۈر خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلغان. خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان ئاتالمىش «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى، لىنخې-قومۇل تۆمۈريولى، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىدىن ئىبارەت «بىر ئاساسىي، ئىككى قوشۇمچە» يولنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن. نەتىجىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يولدا كۆمۈر توشۇش مىقدارى 62 مىليون 740 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 26 مىليون 521 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ھەتتە نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1551 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2023 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق