ئەنگلىيەنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە شىركىتى بولغان خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي بانكىسىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار مەسئۇلى خىتاي ھەققىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي بانكىسىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار مەسئۇلى شېراد كوپېر كولېس 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يېپىق پائالىيەتتە ئەنگلىيەنىڭ دائىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىگە باش ئېگىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكىغا ماسلىشىپ، خىتاي بىلەن سودا پائالىيەتلىرىنى ئازايتىش ھەققىدىكى تەلىپىگىمۇ يۇمشاقلىق قىلغانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ ئەسلىدە ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى بىر قىسىم خەۋەردار كىشىلەردىن نەقىل ئېلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شېراد كوپېر كولېسنىڭ سۆزلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي بانكىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەسئۇلى شېراد كوپېرنىڭ پەقەت شەخسىي قارىشىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شېراد كوپېر كولېسمۇ بۇ ھەقتە كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، ئۇ ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي بانكىسىنىڭ پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، سۆزلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان نارازىلىققلاردىن قاتتىق كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي بانكىسى بىر ئەنگلىيە شىركىتى بولسىمۇ، پايدىسىنىڭ %80 ى چەت ئەلدىن كېلىدىكەن. يەنە كېلىپ چەت ئەلدىكى پايدىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن كېلىدىكەن. مەزكۇر بانكا خىتاي بىلەن بولغان قويۇق سودا ئالاقىسى سەۋەبلىك، غەرب ئەللىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.
خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي بانكىسى 1865-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1877-يىلى مەزكۇر بانكىنىڭ زور مىقداردا قەرز بېرىشى نەتىجىسىدە، ھەربىي جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق قىلالىغان چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى زوزۇڭتاڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە خەلقنى قانلىق باستۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم