فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، خىتاي دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
گېرمانىيە ئاۋازنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 7-ئاۋغۇست خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ شىليەننى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرى ئالدىنقى شەنبە جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن تەمىنلەش پاراخوتلىرىنى توسۇۋېلىپ، سۇ توپى بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، فىلىپپىن تەرەپ خىتايدىن بۇ مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ ھۇجۇمنى ئېتىراپ قىلغان. خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى 5-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ ئىككى تەمىنلەش پاراخوتى ۋە ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ خىتاينىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىپارتلى تاقىم ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ فىلىپپىننىڭ قانۇنسىز قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى توشۇغان پاراخوتلىرىنى توسۇۋالغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە قىسمى شەنبە كۈنى خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ فىلىپپىننىڭ تەمىنلەش پاراخوتىغا سۇ توپى ئاتقانلىقىنى، بۇ قىلمىشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فىلىپپىن تەرەپ يەنە خىتاينىڭ خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن تەمىنلەش پاراخوتىنى توسۇۋالغانلىقىنى، مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ ئەسلىدە ئىككىنچى توماس ساھىلىغا ئورۇنلاشقان فىلىپپىن ئەسكەرلىرىگە يېمەكلىك، سۇ، يېقىلغۇ قاتارلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شەنبە كۈنىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ