ئۇيغۇر شائىرنىڭ ئەسلىمىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلدى

ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ ئۆز ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بەرگەن «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى كۆپلىگەن تىللاردا نەشر قىلىنىشقا باشلىدى.

ئاپتور كىتابىدا ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، كىتابقا يەنە ئاپتورنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور كىتابىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن قاتتىق نازارەتكە ئېلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى چۈشىنىشلىك يورۇتۇپ بەرگەن. نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ كىتاب ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى نەشر قىلغان پىنگۋىن نەشرىياتى ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

تونۇلغان شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئىزگىل 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ 1992-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1996-يىلى تۈركىيەگە بېرىپ داۋاملىق ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تەرىپىدىن ئاتالمىش «مەخپىي ماتېرىياللارنى قانۇنسىز دۆلەت سىرتىغا چىقارماقچى» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۈچ يىل جازالانغان. ئۇ 2017-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تېررور سىياسىتى قاتتىق كۈچىيىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىقىپ، پاناھلىق تىلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ مەزكۇر كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، جوشۇئا فىرىمان (Joshua Freeman) تەرىپىدىن ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولغان جوشۇئا فىرىمان خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىل تۇرغان ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 912 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2023 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق