خىتاي رېجىمى دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېڭىدىن دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.
خىتاي تورىنىڭ 4-ئاۋغۇست ئاشكارىلىشىچە، خىتاي يېڭى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» 10 باب، 76 ماددىدىن تەركىب تاپقان. گەرچە خىتاي رېجىمى مەزكۇر تەدبىرىنى يولغا قويۇش مەقسىتىنى ئاتالمىش «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، دىننى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن» دەپ داۋا قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم يولغا قويماقچى بولغان تەدبىردە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 2005-يىلى «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مەمۇرىي تەدبىرى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىم ئېلان قىلغان دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرىدە، ئاتالمىش «دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش» دېگەن ئىبارە ئارقىلىق كۆز بوياشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىن باشقا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئورنىغا ئۆزگەرتىشكە ئىشارەت قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تېررور سىياسىتى قانۇنلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ نەچچە ھەسسە كۈچەيگەنلىكىنى، دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلىنىپ، خەلقنىڭ ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، بۇ قېتىم ئاتالمىش «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» ئارقىلىق دىنىي سورۇنلارنى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەشۋىقات ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىشنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ