خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان كەلكۈن ئاپىتىدە خىتاينى ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-ئاۋغۇستتىن 6-ئاۋغۇستقىچە خىتاينىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن قاتارلىق تۆت شەھىرىدىكى 21 ناھىيە ۋە رايوندا ئېغىر كەلكۈن كەلگەن. 90 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق زىرائەت ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋۇچاڭ شەھىرى ۋە شاڭجى شەھىرى ئاپەتنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي شىمال رايونى 6-ئاۋغۇست تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك بىر نەچچە كۈنلۈك قاتتىق يامغۇرغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئاپەتكە ئايلانغان يامغۇردا ئاز دېگەندە 215 خىتاي ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن.
خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 6-ئاۋغۇست ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10: 00 دا ئىچكى موڭغۇلىيە، جىلىن ۋە خېيلۇڭجياڭدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسى 3-دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن، 4-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى يولغا قويۇلغان.
خىتاي رېجىمىنىڭ باياناتىدا يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، خېيلۇڭجياڭ ۋە جىلىن قاتارلىق كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى قۇتقۇزۇش ۋە تۇرالغۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قوشۇمچە 350 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئۈچۈن 170 مىليون دوللار ئاجرىتىلغان.
گەرچە ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى نەچچە يۈز دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلار ئەھۋالنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بەزىسى سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم كەنت، يېزىلار پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغان بولۇپ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ نالە-پەريادلىرى ئاڭلىنىپ تۇرغان. ئاپەت رايونىغا يېقىن خىتايلار بىخەتەر رايونلارغا يۆتكىلىش ئۈچۈن، تۈركۈملەپ يولغا چىققان بولۇپ، ماشىنىلار تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن. سىنغا ئالغان خىتايلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇنداق ئېغىر ئاپەت ۋاقتىدىمۇ تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
خىتاي رېجىمى ئالدىنقى كۈنلەردە بۇ قېتىملىق يامغۇر ئاپىتىنىڭ 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يامغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ