ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن يېڭى بىر يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى»دا خىتاينىڭ تەسىر كۈچىگە قارشى كۆپلىگەن تۈزىتىش لايىھەلىرى كىرگۈزۈلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئالدىنقى ھەپتە كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن، قىممىتى 886 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان 2024-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى»نى ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇنغا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى چەكلەش ھەققىدە كۆپلىگەن تۈزىتىش لايىھەلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈزىتىش لايىھەلىرى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويۇش، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەش، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى مەنبە بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە شەكىللەندۈرگەن تەھدىتلىرىگە قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەزكۇر قانۇندىكى تېرىلغۇ يەرگە ئالاقىدار مەزمۇنلارمۇ دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، گەرچە خىتايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدە ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ كۆلىمى %1 كىمۇ يەتمىسىمۇ، بۇ مەسىلە ھەر ئىككى پارتىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى تېرىلغۇ يەر ئىگىلىشىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىدىن سىرت، ھەممىدىن مۇھىمى بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى سېتىۋالغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەربىي بازىلارغا يېقىن بولغانلىقىدىن تېخىمۇ ئەنسىرىگەن.
كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلارنىڭ رەھبىرى چاك شۇمېر (Chuck Schumer) بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە يېڭىپ چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم