ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەننى ئىچىدىن پارچىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەيۋەنگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ ئامېرىكا قوللاۋاتقان تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى ھەربىي توقۇنۇش قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا كونترول قىلىشنىمۇ پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي كېلەر يىلىدىكى تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلىشىشقا جىددىي تەييارلىق قىلماقتىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىدا مول تەجرىبىسى بار سابىق ئىستىخبارات ئەمەلدارى داۋىد ساۋېرنىڭ (David Sauer) قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى پىلانى تەيۋەننىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىنى بېيجىڭ رېجىمىنى قوللايدىغان يۆنىلىشكە مايىل قىلىش ئىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى تەيۋەننى ئىچىدىن كونترول قىلىپ پارچىلاش، جۈملىدىن سايلامدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى بىلەن بىرلىشىشنى خالايدىغان پىرېزىدېنت سايلاپ چىقىش ئىكەن.
شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر نەچچە دۆلەتتە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن داۋىد ساۋېر خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ سايلامنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، تەيۋەن جەمئىيىتىدە بۆلۈنۈش پەيدا قىلىپ، ئۆزى سايلىماقچى بولغان نامزاتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
داۋىد ساۋېرنىڭ قارىشىچە، تەيۋەننىڭ كېلەر يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى كىمنىڭ كونترول قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ياكى مەجبۇرلاش ۋە بۇزغۇنچىلىق تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىشنى قارار قىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ