يېڭى زېللاندىيە مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىستراتېگىيەدە خىتاينى «تەھدىت» دەپ ئاتاپ، مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتىشكە ۋەدە بەردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە 4-ئاۋغۇست تۇنجى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينى ھازىرقى خەلقئارا قائىدە-تۈزۈملەرگە تەھدىت دەپ ئاتىغان ھەمدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ھەربىي كۈچ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى زېلاندىيە مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ جەڭ تەييارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 15000 بولۇپ، بۇ سان خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت مۇھىتىدا كەلگۈسىدىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ماس كەلمەيدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، بارلىق قوراللىرى ۋە دۆلەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى خەلقئارا قائىدىلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقان پەيتتە، ئارمىيەنى كۈچەيتىش زۆرۈر، دەپ قارالغان.
دوكلاتتا يېڭى زېللاندىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇھىم بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە يېڭى زېللاندىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى شېرىكلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۈنسېرى مۇھىم بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
يېڭى زېللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېۋ لىت: «يېڭى زېللاندىيە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا خىتاي بىزدىن يىراق دەپ قاراپ مۇداپىئەلىنىش مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ