ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئەسكىرى سەزگۈر دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى مات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «سەزگۈر ھەربىي ئۇچۇرلار خىتاي رېجىمىنىڭ قولىغا ئۆتتى» دېگەن. مەزكۇر ئىككى ئەسكەر سەزگۈر دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى خىتاي بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەر ئىككى جاسۇس خىتاي بولۇپ، 22 ياشلىق ۋە 26 ياشلىق سان دىياگوغا جايلاشقان دا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا 2021-يىلى 8-ئايدىن 2023-يىلى 5-ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا ئەۋەتكەن.

ئۇلار يوللىغان ئۇچۇرلاردا ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان پاراخوتنىڭ سۈرىتى ۋە سىنلىرى، ھەربىي مەشىق پىلانلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى ئىزچىل ئالاقىدە ئىكەنلىكى، مەسىلىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پات رايدېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «سەزگۈر ئۇچۇرلارنى قوغداش ۋە ساقلاشقا ئائىت ئېنىق سىياسەت ۋە تەرتىپلىرىمىز بار، ئەگەر بۇ قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىنسا، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىلىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سان دىياگو ساھە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى: «ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاي رېجىمى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىدىنمۇ چوڭ تەھدىد يوق. خىتاي دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدا، ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2023 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق