ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر نەچچە پارلامېنت ئەزاسى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك جازانى بىكار قىلىش تەلىپىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بىر نەچچە جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە سودا مىنىستىرىغا بىرلىكتە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جازانى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 2-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل مىكول، تاشقى ئىشلار كومىتېتى ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى يوڭ كىم ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاي رېجىمى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت مەخسۇس كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالاگېر قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۈچ پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە سودا مىنىستىرى گىنا رېيموندوغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك جازانى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپىدا: «ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىلغان جازا مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قۇرۇق ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، تۈپ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان جازانى يېنىكلىتىش مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلماسلىقىمىز لازىم» دېگەن.
پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپىدا يەنە ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلسا، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ «كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن سۆزىنى رەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپىدا يەنە: «بىز خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئېكسپورت كونتروللۇقى ياكى جازانىڭ بىكار قىلىنىشىنى قوللىمايمىز. بىز نۆۋەتتە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ پارلامېنتىنىڭ كونترول قىلىش تەرتىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ