خىتاي: ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قۇرئاننى قانداق شەرھلەشكە باغلىق

خىتاي 30-ئىيۇل «شىنجاڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەك؟» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتايلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەزكۇر يىغىننى خىتاي مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق دىنىي زات، دىن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىپ، ئىسلام دىنىنى قانداق قىلىپ سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ھەققىدە چالۋاقاشقان.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاندا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىزم بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنى قانداق شەرھلەشتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، ئاتالمىش «ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى»نىڭ رەئىسى ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز سۆز قىلىپ: «يېڭى دەۋردە شىنجاڭدىكى دىنىي ساھەدىكى كىشىلەر ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زور گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى گاۋ جيەنپىڭ سۆزىدە خىتايدىكى ئىسلام دىنىي كىلاسسىك ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي تەجرىبىسىنى، بولۇپمۇ كۇڭزى تەلىماتى بىلەن مۇقەددەس كىتابلارنى ئىزاھلاش ئادىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسىگە ئاساسەن شەرھلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش... قاتارلىق پىلانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى قانداق ئۇسۇلدا شەرھلەشتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۆھتەرەم شېرىپ سۆزىدە: «قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ۋە ئىزاھلاش شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ بىلجىرلىغان.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى شۈ چىڭگو ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە قۇرئاننى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ ئۆزگەرتىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «دەۋر توختىماي تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. قۇرئانغا ئوخشاش ئىسلام دىنىي كىلاسسىك چۈشەنچىلىرىمىزمۇ دەۋر ۋە دۆلىتىمىزنىڭ رېئاللىقىغا ماس كېلىشى كېرەك. گەرچە ھازىرغىچە قۇرئان كەرىمنىڭ خىتايچە تەرجىمىلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەربىر تەرجىمىدە يەنىلا بەزى مەسىلىلەر بار، ئۇلار دەۋر روھىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ» دەپ جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سەپسەتىسى قانۇنلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان بېسىمنىڭ نەچچە ھەسسە كۈچەيگەنلىكىنى، 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ياكى بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك جايلارغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى، دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلىنىپ، خەلقنىڭ ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ئەشەددىي باستۇرۇشى، دىنغا ھاقارەت قىلىشى ئىسلام دۇنياسىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىماسقا سالغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي ئەمدىلىكتە قۇرئان كەرىمنى بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىش چوتىنى سوقۇشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ رەزىل پىلانىغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ ئېغىر پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2009 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2023 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق