ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىنى جازا تىزىملىككە كىرگۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتون 1-ئاۋغۇست خىتاينىڭ يەنە ئىككى شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە چېتىشلىق ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنى يوق قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچى تۆگە گۇرۇھى ۋە خۇشپۇراق ۋە ئېكستراكت ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت چېڭگۇاڭ بىيوتېخنىكا گۇرۇھىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن ئەڭ يېڭى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلار ئىكەن. بۇ ئىككى شىركەت خىتاي رېجىمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ئەمگەككە سالغان.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاسرىن تاي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ قېتىملىق خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىشتىكى تەۋرەنمەس ۋەدىسىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» دېگەن.
دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېھاندرو مايوركاس 1-ئاۋغۇست ئايرىم ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز بارلىق شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ