خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بېيجىڭدا يېقىنقى كۈنلەردە نۇرغۇن خىتايلارنىڭ جېنىنى ئالغان ۋە مال-مۈلۈككە زور زىيان سالغان يامغۇر ئاپىتىنىڭ 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يامغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئېلان قىلغان باياناتتا، قاتتىق يامغۇردا چاڭپىڭدىكى ۋاڭجيايۈەن سۇ ئامبىرىدىكى يامغۇر مىقدارىنىڭ 744.8 مىللىمېتىرغا يەتكەنلىكى، 1891-يىلى خىتايدا قەيت قىلىنغان 609 مىللىمېتىرلىق ھۆل-يېغىن رېكورتنى تۇنجى قېتىم بۇزۇپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي رېجىمى ھەرخىل سىنلاردا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئېغىر كەلكۈن ئېلىپ كەلگەن تالاپەتنى بولسا يەنىلا يوشۇرۇپ، بېيجىڭدا 11 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 27 خىتاينىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن كۇپايىلەنگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى پۈتۈن خىتايدا بىر ھەپتە ئىچىدە 130 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
نۆۋەتتە كەلكۈن ئاپىتى بېيجىڭغا قوشنا خېبېي ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، خېبېي ئۆلكىسىدە كەلكۈن خەۋپى سەۋەبىدىن 974 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان. غەربىي شەنشى ئۆلكىسىدە 42 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان. مۇتەخەسسىسلەر قاتتىق ئىسسىقتىن كېيىنكى قاتتىق يامغۇرنى كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ ئېغىر كۆرسەتكۈچى دەپ شەرھلىگەن.
شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن كوممۇنىست رېجىمىنىڭ رەسمىي تېلېۋىزىيەسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، دائىرىلەرنى قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يوقاپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنىڭ يارىلانغانلارنى داۋالاش، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش ۋە زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ھەمدە بۇزۇلغان قاتناش، خەۋەرلىشىش ۋە ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشقا ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چالۋاقىغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر