شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش كۈنىدە، خىتاي ئارمىيەسىدىن ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاۋغۇست خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا خىتاي ئارمىيەسى غەربىي ئۇرۇش رايونىنى تەكشۈرگەنلىكى ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، تەييارلىق ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەس-بەستە تارقىتىشقان. بەزى تەھلىلچىلەر خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 26-ئىيۇل خىتاي ئارمىيەسى غەربىي قوماندانلىق ئىشتابى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلغاندا سۆز قىلىپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، ئاۋىياتسىيە ئورۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېلېكتىرونلۇق تاقابىل تۇرۇش يۆنىلىشىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئومۇمىي جەڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي ئارمىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىكنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي بۇ يىل ھەربىي مانېۋىرنىڭ قېتىم سانى ۋە سالمىقىنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە بىلەن بىر قانچە قېتىم بىرلەشمە مانېۋىر تەشكىللەپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تاشقى تەھدىتىگە قارشى ھەرىكىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ