BBC يېڭى ئېلان قىلغان تەپسىلىي خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستىغان. مۇھاجىرلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ BBC غا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل دۆلەت ھالقىپ قورقۇتۇش تاكتىكىسى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنى پارچىلاشقا باشلىغان.
BBC نىڭ 31-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئالتە-يەتتە يىلدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا سىن ياكى تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسى بىلەن، چەت ئەلدە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە مەجبۇرلىغان. خىتاي ئالدى بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نەچچە يىلدىن بېرى ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغان، شەرقىي تۈركىستاندا ھايات ياشاۋاتقان ئانىسى ياكى دادىسى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتۈرگەن. ئۇزۇن يىللار كۆرۈشمىگەن بولغاچقا، كۆرۈشۈش يىغا-زارە بىلەن تولغان. بۇ جەريانلارنى خىتاي ساقچىلىرى نازارەت قىلىپ تۇرغان. ئارقىدىن ئۇلارنى تەدرىجىي ھالدا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئاخىرىدا قىسمەن ئىرادىسى بوش ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى جەمئىيەتلەرنىڭ يىغىنىغا بېرىپ ئاخبارات توپلاپ، خىتايغا دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئاتا-ئانىسى ياكى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئۇيغۇرلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان. رەت قىلغۇچىلارغا خىتاي ساقچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان. خىتايغا ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز پۇلىنىڭ كۆپىيىپ، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىپ قېلىشى بىلەن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارغا شىركەت قۇرۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلغان.
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل ئالاھىدە تاكتىكا ئادەتتە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، چەت ئەلدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش بەدىلىگە، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن سىنلىق ئالاقىلىشىش يوللىرىنى ئوچۇق قويىدىكەن ياكى كونترول قىلىدىكەن.
شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور داۋىد توبىن خىزمەتدىشى نىيرولا ئەلىما بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىلەرگە ئائىت ئەڭ ئەتراپلىق تەتقىقاتلارنى ئىشلىگەن. ئۇلار بىر قانچە دۆلەتتە ياشاۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى يەكۈنلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ