خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى 345 مىليون دوللارلىق ھەربىي قوللىشىغا «قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالدى.
خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەن كېفېي تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا «ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەن كېفېي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ئاتالمىش «بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى»نى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوللىشىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تارىخنىڭ چاقى خىتاينىڭ بىرلىشىشىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، ھېچقانداق شەخس ياكى كۈچ ئۇنى توسىيالمايدۇ» دەپ پوپوزا قىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 29-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان پىرېزىدېنتلىق قارارى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ئۆزىنىڭ ئامبار زاپىسىدىن ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، قىممىتى 345 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەمنىڭ مۇداپىئە ماتېرىياللىرى، شۇنداقلا ھەربىي تەلىم-تەربىيە ۋە مەشىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سۈن لىفاڭ 29-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ بۇ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىپ: «ئېلان قىلىنغان ياردەم پىلانى تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر